招生考试网
学历类| 阳光高考 研 究 生 自学考试 成人高考 专 升 本 中考会考   外语类| 四 六 级 职称英语 商务英语 公共英语 日语能力
资格类| 公 务 员 报 关 员 银行从业 司法考试 导 游 证 教师资格   财会类| 会 计 证 经 济 师 会计职称 注册会计 税 务 师
工程类| 一级建造 二级建造 造 价 师 造 价 员 咨 询 师 监 理 师   医学类| 卫生资格 执业医师 执业药师 执业护士 国际护士
计算机| 等级考试 软件水平 应用能力 其它类| 书画等级 美国高考 驾 驶 员 书法等级 少儿英语 报 检 员 单 证 员 出国留学
 招生考试网 - 艺考 - 招生简章 - 正文
喀什师范学院2011年艺术类招生简章维文
来源:喀什师范学院 2011-1-24 16:51:19 【字体:小 大】

كۇرس كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسى

 

بىرىنچى، ئىنستىتۇت، فاكۇلتېتلارنى تۇنۇشتۇرۇش

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى مىللىي، خەنزۇلار ئارىلىشىپ ئوقۇيدىغان، كۆپ مىللەتلىك، كۆپ پەن تەسىس قىلىنغان، كۆپ قاتلاملىق پېداگوگىكا خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپ. بۇ مەكتەپ 1962-يىلى قۇرۇلغان، 2003-يىلى 6 - ئايدا ماگىستىر ئىلىمىي ئۇنۋان بېرىش ھوقۇقى بار ئورۇن سالاھىيىتكە ئېرىشكەن. ئىنستىتۇتىمىزدا ھازىر 11 ئوقۇتۇش ئورنى، ئىدىيە-سىياسىي نەزەرىيە دەرسى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمى، چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى، تور ئالاقە مەركىزى، پىسخىك ساغلاملىق تەربىيە ۋە پىسخىك مەسلىھەت بېرىش مەركىزى تەسىس قىلىنغان؛ 31 تولۇق كۇرسلۇق كەسىپ، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىياتى، ئىدىيە-سىياسى مائارىپ، ماركىسىزم قائىدىلىرى، دەرسلىك ۋە ئوقۇتۇش نەزەرىيىسى قاتارلىق 4 ساھە بويىچە ماگىستىر ئۇنۋانى بېرىش نۇقتىسى بار.

ئىنستىتۇتتا ھازىر بار ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ سانى 977 نەپەر، بۇلارنىڭ ئىچىدە مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سانى 705 نەپەر. مەخسۇس ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئىچىدە ئالىي كەسپىي ئۇنۋانغا ئېرىشكەنلەرنىڭ سانى 201 نەپەر. ئىنستىتۇتتا ھازىر تۈرلىك كەسىپلەردە ئۇقۇۋاتقان تولۇق كۇرس، مەخسۇس كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ئاسپىرانتلار ۋە چوڭلار مائارىپ ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلىرى بولۇپ جەمئىي 15000 دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى بار. ئىنستىتۇتتا ھازىر بار ئوقۇتۇش تەجرىبە ئەسلىھەلىرىنىڭ ئومومىي قىممىتى 66 مىليون 978  مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ، كۇتۇپخانىدا ساقلىنىۋاتقان كىتاب 860 مىڭ پارچە بولۇپ، بۇ، نۆۋەتتىكى ھەر قايسى كەسىپلەرنىڭ تەلىۋىنى تولۇق قاندۇرلايدۇ. ئىنستىتۇتىمىز 2007-يىلى مائارىپ مىنستىرلىقىنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇتۇش خىزمىتى سەۋىيىسىنى باھالاشتا ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى.

مەكتەپ قۇرۇلۇپ 1979 – يىلىغىچە بولغان 17 يىل ئىچىدە ئىنستىتۇتىمىز ئاپتونۇم رايوندىكى 5 ئالىي مەكتەپ ئىچىدە بىردىنبىر سىفەن خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپ بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيىلەش ۋە مىللىي مائارىپ ئىشلىرىدا ئالدىنقى ئىشلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكى ئىشلارغا يول ئېچىپ، مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ كەلگەن.

سەنئەت فاكۇلتېتى ئىنستىتۇتنىڭ جۇشقۇن، كۆتۈرەڭگۈ روھقا تولغان سەنئەت يۇرتى بولۇپ، ھازىر مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۇسسۇلدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ تولۇق كۇرس ۋە مەخسۇس كۇرس كەسپىلىرى تەسىس قىلىنغان. سەنئەت فاكۇلتېتىنىڭ كۈچلىك ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى، قېلىپلاشقان ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ، شۇنداقلا يۈرۈشلەشكەن كۆپ ئىقتىدارلىق   يېڭى ئوقۇتۇش بىناسى بار بولۇپ، بۇنىڭدا شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرۇدىغان ئۆلچەملىك سەنئەت مەشىقى سىنىپلىرى ۋە زامانىۋى مۇزىكا ئۇرۇنداش زالى، ياپونىيەنىڭ YAMAHA، CASIO پۈتۈن يۈرۈشلۈك سازلىرىنى چېلىش ئۇسۇلى بويىچە كوللېكتىپ دەرس ئۆتۈش سىستېمىسى، ئۆلچەملىك گۈزەل سەنئەت كەسپىي رەسىمخانىسى، گۈزەل سەنئەت ئوپتىكىلىق سۈرەتكە ئېلىش ئۆيى، گۈزەل سەنئەت لايىھىلەش كومپىيۇتېر ئۆيى، كۆپ ئىقتىدارلىق تارقىتىش زالى، كومپىيوتېر گۈزەل سەنئەت تەجرىبىخانىسى قاتارلىق ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بار، بۇلار ئوقۇغۇچىلارنى ئەۋزەل ئۆگىنىش شارائىتى بىلەن تەمىن ئېتىدۇ.

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى 2011-يىلى شىنجاڭ ئىچى ۋە شىنجاڭ سىرتىدىكى قىسمەن ئۆلكىلەردىن بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدۇ.

ئىككىنچى، مەكتەپ ئىسمى: قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى

ۋاكالەت نومۇرى: 10763

ئۈچىنچى، مەكتەپنىڭ خاراكتىرى: مائارىپ مىنستىرلىقى تەستىقلىغان ئالىي مائارىپ ئوقۇتۇش تارىخى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ.

تۆتىنچى، مەكتەپ ئادرېسى: قەشقەر شەھىرى ئىنستىتۇت يولى 29-نومۇر.

بەشىنچى، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىدىغان كەسىپلەر ۋە قوبۇل قىلىش پىلانى

 

ئىزاھات

ئوقۇش ھەققى

(يۈەن)

ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى

كەسىپلەر

ئاز سانلىق مىللەتلەر تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار پىلانى (نەپەر)

خەنزۇ تىل-يېزىقىدا ئىمتىھان بەرگەن ئوقۇغۇچىلار پىلانى (نەپەر)

شىنجاڭ، شەندوڭ، خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ

6000

40

30

مۇزىكا

(تولۇق كۇرس)

شىنجاڭ، شەندوڭ، خېنەن، گەنسۇ قاتارلىق ئۆلكىلەردىن قوبۇل قىلىنىدۇ

6000

40

40

گۈزەل سەنئەت

(تولۇق كۇرس

شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنىدۇ

5500

30

 

گۈزەل سەنئەت

(مەخسۇس كۇرس)

شىنجاڭدىن قوبۇل قىلىنىدۇ

5500

20

 

ئۇسسۇل

(مەخسۇس كۇرس)

ئىزاھات: ئەمەلىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى ئېلان قىلغان پىلان بويىچە بولىدۇ.

ئالتىنچى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش شەرتلىرى

1. ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە تىزىملىتىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن ھەمدە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەر ئىمتىھانىغا قاتنىشىشقا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتسا بولىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە گۈزەل سەنئەت كەسىپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئاپتونوم رايونلۇق ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى بىر تۇتاش تەشكىللىگەن رەسىم كەسپىي ئىمتىھانىغا قاتنىشىپ لاياقەتلىك گۇۋاھنامىسىغا ئېرىشكەن بولۇشى كېرەك.

2. مۇزىكا كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلار مەلۇم مۇزىكا ساپاسىغا ئىگە بولۇشى، تاۋۇش چىقىرىش ئەزالىرىدا كېسەللىك بولماسلىقى، نۇتۇقى ئېنىق، بەش ئەزاسى جايىدا، تەن قۇرۇلۇشى كېلىشكەن بولۇشى، ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.60 مېتىردىن، قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.55 مېتىردىن كەم بولماسلىقى لازىم.

3. گۈزەل سەنئەت كەسپىگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقانلار مۇئەييەت رەسىم سىزىش ئاساسىغا ئىگە بولۇشى، رەڭ قارىغۇسى، رەڭنى پەرق ئېتىش ئىقتىدارى ئاجىز بولۇش قاتارلىق فىزىئولوگىيىلىك كېسەللىكلىرى بولماسلىقى لازىم.

4. ئۇسسۇل كەسپىگە ئىمتىھان بېرىشكە تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار مۇئەييەن ئۇسسۇل ئاساسىغا ئىگە بولۇشى، بەش ئەزايى راۋۇرۇس، تەن قۇرۇلۇشى جايىدا بولۇشى لازىم. ئوغۇللارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.70 مېتىردىن، قىزلارنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.60 مېتىردىن كەم بولماسلىقى لازىم.

يەتتىنچى، كەسپىي ئىمتىھانغا تىزىملىتىش رەسمىيەتلىرى

1. ئىمتىھان بېرىش شەرتلىرىگە ئۇيغۇن كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئۆز مەكتىپى ياكى ئورنىنىڭ تونۇشتۇرۇشى، كىملىكىنى ئېلىپ، ئۆز ئورنىدىكى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىدىن «2011-يىللىق شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرىدىكى كەسىپلىرىنىڭ سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشىش كېنىشكىسى» (تىزىملىتىش نومۇرى، كىملىك نومۇرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى ئالغاندىن كېيىن، ئىنستىتۇتىمىزنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش نىزامنامىسىدا ئېلان قىلغان ۋاقىت بويىچە بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ ئىتمىھانغا قاتنىشىشى كېرەك.

 2. يېقىندا چۈشكەن يالاڭباش بىر سۇڭلۇق ئوخشاش سۈرەتتىن تۆت پارچە تاپشۇرۇشى لازىم (سۈرەتنىڭ كەينىگە ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىسمى ۋە كىملىك نومۇرى يېزىلىشى كېرەك) .

 3. بەلگىمە بويىچە تىزىملىتىش ھەققى، دەسلەپكى ئىمتىھان ھەققى ۋە قايتا ئىمتىھان بىرىش ھەققىنى تاپشۇرۇشى كېرەك.

      سەككىزىنچى، ئىمتىھانغا تىزىملىتىش ۋاقتى ۋە ئىمتىھان ئورنى

 

ئىمتىھان ۋاقتى

2011-يىلى 3-ئاينىڭ

تىزىملىتىش ۋاقتى

2011-يىلى 3-ئاينىڭ

تىزىملاش ۋە ئىمتىھان ئورنى

ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر

5-6-كۈنى

3-4-كۈنى

قەشقەر شەھىرى:

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى

رەسىم

 

مۇزىكا

 

ئۇسسۇل

5-كۈنى

3-4-كۈنى

ئاقسۇ شەھىرى:

ئاقسۇ شەھەر ئاقسۇ سەنئەت مەكتەپ

9-كۈنى

7-8-كۈنى

كورلا شەھىرى:

بايىنغۇلىن كەسپى تېخنىكا ئىنستىتۇتى

5-كۈنى

3-4-كۈنى

كۈيتۇن شەھىرى:

ئىلى پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى كۇيتۇن تارمىقى

16-كۈنى

14-15-كۈنى

سانجى شەھىرى: سانجى ئىنستىتۇتى

13-كۈنى

11-12-كۈنى

ئۇرۇمچى شەھىرى:

شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرىستېتى

ئىزاھات: ئۇسسۇل كەسپىگە ئىمتىھان بېرىدىغانلارنى تىزىملاش ۋە ئىمتىھان ئېلىش قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئىچىدە بولىدۇ. باشقا ئىمتىھان ئورۇنلىرىدا تىزىمغا ئېلىنمايدۇ.

     توققۇزىنچى، كەسپىي ئىمتىھان تۈرلىرى ۋە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار

     1. گۈزەل سەنئەت كەسپى بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈرلەر: سىدام سىزما، رەڭ، تېز سىزما، ئاغزاكى ئىمتىھان.

     2. مۇزىكا كەسپى بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈرلەر: ناخشا، مۇزىكا، ئۇسسۇل، كۆرۈپ ئوقۇش، ئاڭلاش مەشىقى، ئاغزاكى ئىمتىھان.

     3. ئۇسسۇل كەسپى بويىچە ئىمتىھان ئېلىنىدىغان تۈرلەر: ئۇسسۇل ئاساسىي ماھارىتى، ئىجادىي ئۇسسۇل، ئۇسسۇل رېتىمى، ئۇسسۇل ئويناش قىياپىتى، بەدەن سۈپىتى (بوي ئېگىزلىكى، پۇت ئۇزۇنلۇقى، بىلەك ئۇزۇنلۇقى).

      4. مۇزىكا، گۈزەل سەنئەت، ئۇسسۇل كەسپى دەسلەپكى ئىمتىھانىدىن كېيىن كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسى، تەكرار ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغانلار ئىسىملىكى ۋە تەكرار ئىمتىھان ۋاقتى ئېلان قىلىنىدۇ.

      5. ئىمتىھان بېرىش مەزگىلىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ تاماق، ياتاق، بېرىش-كېلىش يول كىراسىنى ئوقۇغۇچىلار ئۆزى كۆتۈرىدۇ، گۈزەل سەنئەت كەسپىي ئىمتىھانىغا ئىشلىتىلىدىغان رەسىم سىزىش سايمانلىرى، مۇزىكا كەسپىي ئىمتىھانىدا ئىشلىتىلىدىغان چالغۇ ئەسۋابلار (پىئانىنودىن باشقا) نى ئىمتىھانغا قاتناشقۇچىلار ئۆزى تەييارلايدۇ.

      6. قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتىنىڭ سەنئەت كەسپىگە ئىمتىھان بېرىپ لاياقەتلىك كېنىشكىسى ئالغان ئوقۇغۇچىلار بىردەك ئىنستىتۇتىمىزنىڭ سەنئەت كەسپى بويىچە ئارزۇسىنى تولدۇرۇشى كېرەك.

      ئونىنچى، قوبۇل قىلىش پىرىنسىپى

      1. ئەخلاقىي، ئەقلىي، جىسمانىي جەھەتتە تەكشۈرۈپ باھالاش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ 2011-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ سەنئەت تۈرلىرىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ قوبۇل قىلىش نومۇرى سىزىقى بويىچە قوبۇل قىلىنىدۇ.

       2. قوبۇل قىلىش باسقۇچىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ %40، كەسپىي ئىمتىھان نەتىجىسىنىڭ %60 بويىچە ئومومىي نومۇر ھېسابلىنىپ، يۇقىرى نومۇردىن تۆۋەن نومۇرغا قاراپ قوبۇل قىلىنىدۇ.

       3.ئومومىي نومۇرى ئوخشاش شارائىت ئاستىدا، كەسپىي نەتىجىسى يۇقىرىلار ئالدىن قوبۇل قىلىنىدۇ.

       4. ئالىي  مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى ئالاھىدە يۇقىرى بولغانلارغا كەسپىي نەتىجىسى جەھەتتە ئېتىبار قىلىنىدۇ.

       5. سەنئەت كەسىپلىرىگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش چارىسى بويىچە قوبۇل قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىن، باشقا كەسىپكە ئالمىشىشقا يول قويۇلمايدۇ.

       ئون بىرىنچى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مال باھا ئىدارىسى بېكىتكەن ئۆلچەم بويىچە بولىدۇ.

       ئون ئىككىنچى، ئالاقىلاشقۇچىلار:

       قۇربانجان ئوسمان    2892386-0998

گاۋ جيەنپىڭ    2892165-0998

       ئابدۇرۇسۇل ئابلەت   2890018-0998

سەنئەت فاكۇلتېتى ئالاقىلىشىش تېلېفونى:  2892408-0998

       ئىنستىتۇت ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ ئالاقىلىشىش تېلېفونى:  2892386-0998

       ئادرېسى : قەشقەر شەھەر ئىنستىتۇت يولى 29 – نومۇر قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچىلار خىزمەت بۆلۈمى

       تور ئادرېسى:  www.kstc.edu.cnhttp://

 

قەشقەر پېداگوگىكا ئىنستىتۇتى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى

2011-يىلى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى

将这篇文章一键分享到: Qzone一键分享 新浪微博分享 网易微博分享 分享到人人网 转贴到开心网 QQ书签 Google书签 Del.icio.us
没有相关文章
  • 上一篇文章:

  • 下一篇文章: 没有了
  • 网站版权与免责声明
    ①由于各方面情况的不断调整与变化,本网所提供的相关信息请以权威部门公布的正式信息为准.
    ②本网转载的文/图等稿件出于非商业性目的,如转载稿涉及版权等问题,请在两周内来电联系.